ستارباكس 2026-يىلى 29-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى ئىككى دۇكىنىنى ئاچتى. خەلقئارا چوڭ بازار ۋە تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا تىجارەت باشلىغان بۇ دۇكانلار شىركەتنىڭ رايوندىكى تۇنجى دۇكانلىرى ھېسابلىنىدۇ.

دۇكان لايىھەسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئامىللار ئىشلىتىلدى

خەلقئارا چوڭ بازاردىكى دۇكاننىڭ لايىھەسىدە ئەتلەس ۋە ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرى قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئامىللارغا ئورۇن بېرىلدى. دۇكانلاردا يەرلىك تەملەردىن ئىلھام ئېلىپ تەييارلانغان ئىچىملىكلەرمۇ سېتىشقا سۇنۇلدى.

خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى نەقىل كەلتۈرگەن يازما باياناتتا، ستارباكسنىڭ خىتايدىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى موللى ليۇ رايونغا كىرىشنىڭ شىركەتنىڭ دۇكان تورىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، خېرىدارلار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاراتقۇلىرى دۇكانلارنىڭ ئېچىلىشىنى رايوننىڭ ئىستېمال ۋە ساياھەت ساھەلىرىدىكى تەرەققىياتنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى سۈپىتىدە تونۇشتۇردى.

ستارباكسنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنىدا كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى (The Guardian)
ستارباكسنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنىدا كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى (The Guardian)

چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلارنىڭ ئېچىلىشىغا قارىتا تەنقىدلىرى، خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ رايوندا مەۋجۇت بولۇشى باستۇرۇشنى يوشۇرىدىغان نورماللىق كۆرۈنۈشى ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا مەركەزلەشمەكتە. بۇ تەنقىدلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەسۋىرلەشتە ئىشلىتىلىدىغان «پوتېمكىن كەنتى» ئوخشىتىشىغا ماس كېلىدۇ: تاشقى دۇنياغا باياشاتلىق ۋە مەدەنىي ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر كۆرۈنۈش نامايان قىلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يوشۇرۇلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، دۇكانلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئامىللارنىڭ كۆرسىتىلىشىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ئەركىن ياشىتىشىغا قارىتىلغان بېسىملار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، مەدەنىيەتنى ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىلىدىغان بىر كۆرگەزمىگە ئايلاندۇرۇش دەپ تەنقىد قىلىنماقتا.

ئامېرىكا كونگرېسىدىن دۇكانلارنى تاقاش چاقىرىقى

دۇكانلارنىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مولېنار 1-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا ستارباكسنىڭ قارارىنى تەنقىد قىلىپ، دۇكانلارنى تاقاشقا چاقىردى.

مولېنار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تەكىتلەيدىغان بىر شىركەتنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكى باستۇرۇلۇۋاتقان رايوندا تىجارەت قىلىشىنى ئەخلاقىي جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ستارباكسنىڭ رايوندىكى سودا پائالىيىتى ئامېرىكا ماركىسىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى بىلەن باغلاپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ستارباكس تەنقىدلەرگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈش تەلىپىگە جاۋاب بەرمىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا باستۇرۇش ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، رايوندا مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي ئېشىش بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.