ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئارفىيە ئېرى ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانىدى.

ئارفىيە ئېرى 25-سېنتەبىر كۈنى X سەھىپىسىدە يېڭى ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ پارتىيە خىزمىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىچىكاۋا ۋە ئۇراياسۇ ئاھالىلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە پارلامېنتنىڭ پۈتۈن قانۇن ۋە سىياسەت بەلگىلەش جەريانىدا ئاكتىپلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارفىيە ئېرى سىياسەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى ياپونىيە بانكىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ 2023-يىلى چىبا ۋىلايىتىنىڭ 5-سايلام رايونىدىن ئاۋام پالاتاسىغا تۇنجى قېتىم سايلانغان.